تېررورىزمغا زەربە بېرىش ھەربىي ھەرىكەتلىرى سۈرئەت بىلەن داۋام قىلماقتا
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قاندىل ۋە مەتىنا رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتىدە، ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان بەش تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.
1092344
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ئىراقنىڭ قاندىل ۋە مەتىنا رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھاۋا ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرى، پاناھلىنىش جايلىرى ئىستېھكاملىرى بىتچىت قىلىنغان.