خۇلۇسى ئاقار بىلەن ھاقان فىدان رۇسىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرى خۇلۇسى ئاقار بىلەن مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى باشلىقى ھاقان فىدان رۇسىيەگە يېتىپ باردى.

1091563
خۇلۇسى ئاقار بىلەن ھاقان فىدان رۇسىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇلۇسى ئاقار بىلەن ھاقان فىدان موسكۋادا رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي سويگۇ ۋە باشقا مەسئۇللار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

خۇلۇسى ئاقار بىلەن سېرگېي سويگۇنىڭ ئۇچرىشىشىدا، رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەردىن باشقا يەنە، سوچىدە ئىمزالانغان كېلىشىملەردىن كېيىن، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب توقۇنۇشتىن خالىي رايونىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە 17سىنتەبىردە ئىدلىب توقۇنۇشسىز رايونىنىڭ قورالسىزلاشتۇرۇلىشى ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىغان ئىدى.

سۈرىيەدىكى قوزغىلاڭچىلارمۇ كېلىشىمگە رىئايە قىلىپ، ئېغىر تىپلىق قوراللىرىنى ئىدلىب توقۇنۇشسىز رايونىدىن چېكىندۈرگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر