يىلدىرىم بېلارۇسىيەگە كەتتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى  بىنالى يىلدىرىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بېلارۇسىيەگە كەتتى.

1086982
يىلدىرىم بېلارۇسىيەگە كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم پارلامېنت ھەيئىتى بىلەن بىرلىكتە بېلارۇسىيەگە قاراپ يولغا چىقىش ھارپىسىدا ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا بەرگەن باياناتىدا،  زىيارىتى دائىرىسىدە بېلارۇسىيە باش مىنىستىرى سېرگېي رۇماس، بېلارۇسىيە پارلامېنتى جۇمھۇرىيەت كېڭىشىنىڭ باشلىقى مىخائىل مياسنىكوۋىچ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ۋىلادىمىر ئاندرېيچېنكا، بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر لۇكاشېنكو بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرۇلۇشى تۈركىيە تەرىپىدىن تاماملانغان   «مىنىسك جامەسى» بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەسسە قوشۇشى نەتىجىسىدە بىنا قىلىنغان بىر ئانا مەكتەپنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىغانلىقىنى،  تۈركىيە – بېلارۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 1 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىغا يېتىش يولىدا جىددىي خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بېلارۇسىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى تۇنجى ئېتىراپ قىلغان دۆلەت بولۇپ، نىشانىمىز، بېلارۇسىيە بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتۇر. دەرۋەقە، بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقىمىز ئىجابىي شەكىلدە داۋاملاشماقتا. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدىكى ئۇچۇر – ئالاقىلەر ۋە ئۇچرىشىشلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى، تۈركىيە – بېلارۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭمۇ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا. 2019 – يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدا بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى دۆلىتىمىزدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. بۇ زىيارەتتە، مائارىپتىن ئىقتىسادقىچە بىرقاتار كېلىشىملەر ئىمزالىنىدۇ. بىزنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىمىز 2019 – يىلى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان زىيارەتنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ھېسابلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر