سويلۇ: ئىتتىپاقدىشىمىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سويلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پ ك ك نىڭ كاتتىباشلىرىغا ئالاقىدار قارارى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش كاتتىباشلىرىدىن 3 تېررورچى توغرۇلۇق چىقارغان قارارى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھىمىز بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، بىز بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان، 3 تېررورچىنى <تېررورچىلار تىزىملىكى> گە كىرگۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەردە ئارقىسىدا، سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدە، پ ك ك بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان، <نېفىتنىڭ % 25 تى مېنىڭ بولىدۇ، % 75 تى سېنىڭ بولىدۇ> دەپ پايدا – مەنپەئەتنى قوغلىشىۋاتقان بىر دۆلەتتۇر. بۇ ئىككى يۈزلىمىچىلىكتىن، سەمىمىيەتسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قەيەردە، قايسى كۈنى، كىملەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتىدۇ، بۇنى ئوبدان بىلىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئىراقنىڭ شىمالىدا 6 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 6 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.