چاۋۇشئوغلۇ تۈركمەنىستاندا

تۈركمەنىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئاشخابادتا تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

1084517
چاۋۇشئوغلۇ تۈركمەنىستاندا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈرك شىركەتلىرىگە ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋغا رەھمەت ئېيتتى، ھەمدە ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن پايتەخت ئاشخابادتا زىيارەتتە بولغانلىقىدىن ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر