ئەردوغان: سەھىيە ساھەسىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈۋاتقان ساھەلەرنىڭ بېشىدا سەھىيە ساھەسىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1083450
ئەردوغان: سەھىيە ساھەسىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەنقەرەدە «<گۈلخانە كۇللىييەسى> تەنتەربىيە زالى» دا ئۆتكۈزۈلگەن «ساغلاملىق بىلىملىرى ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ئاكادېمىك ئىش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «بىز ئۇدا 16 يىلدىن بۇيان ناھايىتى سۈزگۈرلۈك بىلەن خىزمەت ئىشلەۋاتقان ۋە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقان ساھەلەرنىڭ بېشىدا سەھىيە ساھەسى كېلىدۇ. شەھەر دوختۇرخانىلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ساغلاملىق ساياھىتىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىمىز، دەرۋەقە، تۈركىيەنىڭ سەھىيە ساھەسىدە ناھايىتى تېز مىللىيلىشىش ۋە ئۆزلۈكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئېھتىياج باردۇر. جۈملىدىن، شۇنداق قىلىشقا تامامەن كۈچىمىز يېتىدۇ. سەھىيە ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۈسكۈنىلەر ۋە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى دۆلىتىمىزدە ئورتاق ئىشلەپچىقىرىشقا ماسلىشالايدىغان خەلقئارالىق شىركەتلەرنى تەكلىپ قىلىۋاتىمىز، خۇدايىم بۇيرىسا، بۇ خىزمەتنى چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر