تۈركىيە: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قارارى ئىجابىي

تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىباشلىرى توغرىسىدىكى قارارىنىڭ ئىجابىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1083448
تۈركىيە: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قارارى ئىجابىي

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىباشلىرى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرگە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىغا ئالاقىدار قارارىنىڭ ئىجابىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئۈچ كاتتىبېشىنىڭ كىملىكلىرى ياكى تۇرۇۋاتقان جايلىرى توغرۇلۇق ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرگە مۇكاپات بېرىش توغرۇلۇق چىقارغا قارارىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياۋروپا ۋە ياۋروئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى ماتھېۋ پالمېر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا مەنسۇپ ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار مۇرات قارايىلان، جەمىل بايىق ۋە دۇران قالقاننىڭ كىملىكى ياكى تۇرۇۋاتقان جايى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرگە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر