«تۈركىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ ئۆزئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئارزۇسى كۈچلۈك»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ، ئۆزئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش، رايونلۇق مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى ئارزۇسىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1082270
«تۈركىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ ئۆزئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئارزۇسى كۈچلۈك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ توكيو باش ئەلچىخانىسىدا بېرىلگەن زىياپتتە، شەھەردىكى تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى .

باش ئەلچىخانا بىناسىدا يېنىڭ تەشكىللىشىدە ياپون سەنئەتكارلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن فوتو سۈرەت ۋە خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، ياپونىيەدە ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

ياپونىيە زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ پىكىر – تەلەپلىرىنىڭ ياپونىيە دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى، ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش، رايونلۇق مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك.»

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ دۆلەت سىرتىدىكى تۈركىيە پۇقرالىرىغا، قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرگە، قانداش خەلقلەرگە ئەڭ ياخشى شەكىلدە خىزمەت قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەقتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، خىزمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزگەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر