مىنىستىر ئاقار لىۋىيەدە

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار لىۋىيەدە مىللىي مۇرەسسەلىشىش ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرلىق كېڭىشىنىڭ باشلىقى فايىس ئەسسەرراج بىلەن كۆرۈشتى.

1082693
مىنىستىر ئاقار لىۋىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ترابلۇستىكى مىتىگا ئايرودۇرۇمىدا لىۋىيە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوۋھىدا ئابدۇللاھ ناجىم، باش ئىشتاب باشلىقى بىرىگادا كوماندىرى ئبدۇرراھمان ئومران ئەلئەۋۋەلە، تۈركىيەنىڭ ترابلۇس باش ئەلچىسى ئەھمەد ئايدىن دوغان ۋە باشقا دائىرىلەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان ئاقار، كېيىنچە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىگە بېرىپ، لىۋىيە مىللىي مۇرەسسەلىشىش ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرلىق كېڭىشىنىڭ باشلىقى فايىس ئەسسەرراج بىلەن كۆرۈشتى، ھەمدە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

لىۋىيە مىللىي مۇرەسسەلىشىش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى فەتھى ئەلى ئابدۇسسالام بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولغان ئاقار، كېيىنچە لىۋىيە دۆلەتلىك ئېلى كېڭىشىنىڭ باشلىقى خالىد ئەلمىشرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە – لىۋىيە ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ھەربىي ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش ھەمدە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

 باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەردار چام، تۈركىيەنىڭ لىۋىيە ئالاھىدە ۋەكىلى، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئەنقەرە پارلامېنت ئەزاسى ئەمرۇللاھ ئىشلەر، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى مەسلىھەتچىسى ياسىن ئاقتاي قاتارلىقلارمۇ لىۋىيە زىيارىتىدە ھۇلۇسى ئاقارغا ھەمراھ بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر