چاۋۇشئوغلۇ: مىللىي پۇللارنى ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىم

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مىللىي پۇللارنى ئىشلىتىشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

1080764
چاۋۇشئوغلۇ: مىللىي پۇللارنى ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان 8 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئانتاليادا چاقىرىلغان  تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان 8 دۆلەت گۇرۇھىنى تېخىمۇ دىنامىكىلىق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەرگە تېخىمۇ تېز ماسلىشالايدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشىنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە بىز  بەزى دۆلەتلەرنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى سىياسىي پىلانلىرى ئۈچۈن كوزېرغا ئايلاندۇرۇۋېلىشتەك بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئەپچىل چارىسى، ئۆزئارا سودا ئىشلىرىمىزدا مىللىي پۇللىرىمىزنى ئىشلىتىشتۇر. تۈركىيە خىتاي، رۇسىيە، ئۇكرائىنا، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن سودا ئىشلىرىنى مىللىي پۇللار ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىلەنمۇ بۇ ھەقتە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بۇنى تەرەققىي قىلىۋاتقان 8 دۆلەت گۇرۇھى ئىچىدىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن. بۇ مەقسەتتە، تەرەققىي قىلىۋاتقان 8 دۆلەت گۇرۇھىدا مىللىي پۇللارنى ئالماشتۇرۇش كومىتېتى قۇرۇش تەكلىپى سۇندۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر