«فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدا 2 – قېتىملىق بومباردىماندا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ نىڭ شەرقىي قىسمىدا ئېلىپ بارغان 2 – قېتىملىق بومباردىمانىدا 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1079676
«فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدا 2 – قېتىملىق بومباردىماندا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن شانلىئۇرفادىكى چېگرا لىنىيەسىدىن سۈرىيەنىڭ «<ئەين ئەلئەرەب> رايونى» غا شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر ئارقىلىق قىلىنغان ھۇجۇمدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/پ ك ك تېررورچىلىرىدىن 4 ى بىر تەرەپ قىلىندى، 6 سى يارىلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر ئارقىلىق قىلىنغان ھۇجۇملار، چېگرا لىنىيەسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئالدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىش ۋە بۇ يەرلەردىن ئېلىپ بېرىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى قانۇنلۇق قوغدىنىش ھوقۇقى دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر