سويلۇ بىر يىللىق تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئۇچۇرلىرىنى ئورتاقلاشتى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 451؛ ئاشقۇن سولچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى 40 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

1078241
سويلۇ بىر يىللىق تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئۇچۇرلىرىنى ئورتاقلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، پايتەخت ئەنقەرەدىكى خەۋپسىزلىك يىغىنىدىن ئىلگىرى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، «بىر يىلدا پ ك ك غا قارشى 91207، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى 38725، دائېشقا قارشى 2483، ئاشقۇن سولچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى 655 قېتىم زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 451؛ ئاشقۇن سولچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى 40 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. دائېش ئەزاسى 336 كىشى تۇتقۇن قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر