چاۋۇشئوغلۇ: پۈتكۈل دۇنيا كۈتۈۋاتىدۇ، بۇ تەكشۈرۈش ۋاقتىدا ئاخىرلىشىشى كېرەك

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) ۋەقەسىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەر توغرىسىدا توختالدى.

1077971
چاۋۇشئوغلۇ: پۈتكۈل دۇنيا كۈتۈۋاتىدۇ، بۇ تەكشۈرۈش ۋاقتىدا ئاخىرلىشىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) توغرىسىدا توختىلىپ، «پۈتكۈل دۇنيا كۈتۈۋاتىدۇ. بۇ تەكشۈرۈش بالدۇرراق ئاخىرلاشسۇن، بارلىق ھەقىقەتلەر ئوتتۇرىغا چىقسۇن» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمار مەمەدياۋروۋ ۋە گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد زالكالىيانى بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ دولماباھچە سارىيىدىكى ئىشخانىسىدا قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «تەكشۈرۈش بىزنىڭ تەرىپىمىزدە چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان، زىچلاشتۇرۇلغان ھالدا داۋام قىلماقتا. بىز، ئالدىن پىلانلانغان جىنايەتنىڭ پۈتۈنلەي ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن – ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرىدا – ۋە ئارقىسىدا كىملەر بار، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پاش قىلىنىشى ئۈچۈن كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.

ھازىرغىچە قاشىقجىنىڭ جەسىتى تېپىلمىدى. نۆۋەتتە بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغانلار سەئۇدى ئەرەبىستاندا بولغان ئىكەن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ نۇقتىدىكى مەسئۇلىيىتى ناھايىتى ئېغىر. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ تېلېفوندا بۇنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. سەئۇدى ئەرەبىستان باش مۇپەتتىشىمۇ ئالدىن پىلانلانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، باشتا خېلى كۆپ نەرسىلەر ئىنكار قىلىندى، بىراق، ئاستا – ئاستا ھەممىسى ئېتىراپ قىلىنىشقا باشلاندى.

ئالدىن پىلانلانغان بۇ جىنايەتنىڭ جاۋابكارلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتقۇن قىلىندى. ئۇلارنىڭمۇ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر تەكشۈرۈشى بار. بۇ جەھەتتە باش مۇپەتتىشلەرنىڭ مەلۇمات ئالماشتۇرۇشى ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشلىرىنىڭمۇ پايدىسىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ ھەمكارلىق داۋاملىشىشى لازىم، بىراق، ۋاقىتنى ئۇزارتىش ياكى كولدۇرلىتىشتەك بولۇپ قالمىسۇن. بىزنىڭ دەردىمىز بۇ. پۈتكۈل دۇنيا كۈتۈۋاتىدۇ. بۇ تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىقسۇن، بارلىق ھەقىقەتلەر ئوتتۇرىغا چىقسۇن. بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى نۇقتىسىدىنمۇ (سەئۇدى ئەرەبىستان باش مۇپەتتىشىنىڭ) زىيارىتىنى مۇھىم دەپ قارايمىز. ئۇلارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، بىز دەرھال بۇ ھەمكارلىقنى، بۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلدۇق ۋە ئۇچرىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ماتېرىياللىرىنى تەستىقلىتىش ئۈچۈن كىرگەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر