تۈركىيە رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنىدىغان «S-400» توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنىدىغان «S-400» ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسىنى ئورنىتىش ئىشلىرىنىڭ 2019-يىلى ئۆكتەبىردە باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1075672
تۈركىيە رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنىدىغان «S-400» توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى. ئۇ «S-400» نىڭ مۇداپىئە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەگە ۋە تۈركىيە خەلقىگە قارشى زور ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا خەۋپلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسى ئورنىتىلىدىغان يەرلەر توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، سىستېمىنىڭ ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) سىستېمىلىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىم ۋە مۇستەقىل ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكانىڭ ياكى ناتونىڭ ئەندىشەلىرىنى ئورۇنسىز دەپ قارايمىز. بۇ يەردە ھەر قانداق شەكىلدە ئامېرىكا ياكى ناتو سىستېمىلىرىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا، بىئارام قىلدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتنىڭ يۈز بېرىشىگە رۇخسەت قىلمايمىز. S-400 نى سېتىۋېلىش ئىختىيارلىقىمىزدىكى ئىش ئەمەس، بەلكى زۆرۈرىيەت ئىدى.»

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار تۈركىيەنىڭ پىروگراممىغا ئورتاق بولغان ۋە سىناق ئۇچۇشلىرى ئىيۇن ئېيىدا ئامېرىكادا تۈرك ئۇچقۇچىلار تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان «F-35» ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ تاپشۇرۇلۇشى ھەققىدىمۇ توختالدى.

 ئۇ ئىككى دانە «F-35» نىڭ تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «لايىھەدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق، پىلان بويىچە بولۇۋاتىدۇ. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئايروپىلانلار ئالدىمىزدىكى يىلنىڭ مارت ئېيىدا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باسقۇچمۇ پىلان بويىچە بولۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ، «گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پانوس كاممېنوس ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىگە گىرېتسىيەدە ئۈچ دانە ھەربىي بازا قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى. گىرىتتىكى <سۇدا> ھەربىي بازىسى ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا تۈركىيەدىكى ئىنجىرلىك بازىسىغا نىسبەتەن تاللاش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىنمۇ؟» دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

« گىرېتسىيە ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە مۇستەقىل ۋە ناتوغا ئەزا دۆلەت. شۇ ۋەجىدىن ئامېرىكانىڭ ناتو ئىچىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرسى. شۇڭا، ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىكتە بەزى ئىشلارنى قىلىشىنى ناھايىتى نورمال ئەھۋال دەپ قارايمىز، تۈركىيە بۇ ئەھۋالدىن ئەندىشە قىلمايدۇ. 1923-يىلى 24-ئىيۇل ئىمزالانغان لوزان كېلىشىمى بويىچە، قورالسىزلىنىش سالاھىيىتىدىكى ئاراللار مەسىلىسى بار، بىزنىڭ مەسىلىمىز، قورالسىزلىنىش سالاھىيىتىدىكى ئاراللارنىڭ قورالسىزلىنىشىدۇر. بۇنى كۆزىتىۋاتىمىز، بۇ مەسىلىدە چىڭ تۇرىمىز. خەلقئارالىق قانۇنغا، قوشنىلىرىمىز بىلەن تۈزگەن كېلىشىملىرىمىزگە ۋە قائىدە-پىرىنسىپلارغا ھۆرمەت قىلىنىشىغا، ئىغۋاگەرچىلىكتىن، كۈشكۈرتچىلىك قىلىشتىن يىراق تۇرۇشقا، ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ۋە پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىشىنى ئۈمىدا قىلىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر