پۈتۈن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتى ئەردوغاننىڭ باياناتلىرىغا مەركەزلەشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى دېلوسى ھەققىدە ئىنتايىن تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

1074059
پۈتۈن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتى ئەردوغاننىڭ باياناتلىرىغا مەركەزلەشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسولخانىسى بىناسىدا ئۆلتۈرۈلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى دېلوسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئەردوغاننىڭ ئىنگىلىزچە ۋە ئەرەبچە تارقىتىلغان باياناتى، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مېدىيا ئورگانلىرى ۋە خەلقئارالىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى تەرىپىدىن نەخ مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىلدى.

مەركىزى ئىشخانىسى قاتاردا تۇرۇشلۇق ئەلجەزىرە قانىلى، ئەردوغاننىڭ نۇتۇقىنى «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جەمال قاشىقجى ھەققىدىكى سۈكۈتنى بۈزۈپ تاشلىدى. ئەرغاننىڭ ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كۈتۈلمەكتە» دېگەن سەرلەۋھە بىلەن ئېلان قىلدى.

ئەرەب ئاخباراتلىرى بولسا، ئەردوغاننىڭ سەئۇدى ئەربىستانغا قاراتقان ھالدا، «جىنايەتچىلەرنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىڭلار» دېگەن چاقىرىقىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقاردى.

ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي مېدىيا ئورگانلىرىدىن «ABC News» ۋە «CNN» مۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باياناتلىرىنى نەخ مەيداندىن ئۇلاپ تارقاتتى.

ئەردوغاننىڭ: «سەئۇدى ئەرەبىستاندا نازازەتكە ئېلىنغان 18 كىشىنىڭ ئىچىدە ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى تۈركىيەگە كەلگەن 15 كىشىلىك گۇرۇپپىمۇ بار. بۇ 18 كىشى ئىستانبۇلدا سوت قىلىنسۇن» دېگەن چاقىرىقى ئەنگلىيە مەتبۇئاتلىرىدا زور ئىنكاس قوزغىدى.

خەلقئارا خەۋەر ئاگنېتلىقلىرىدىن رۇيتېرس ۋە «Associated Press»، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدا ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق ئەردوغاننىڭ سۆزلىرىنى ۋاقتى - ۋاقتىدا ئوقۇرمەنلىرىگە يەتكۈزدى.

لىۋىيە مېدىيا ئورگانلىرىدىن «Mayedeen» تېلېۋىزىيەسى ئەردوغاننىڭ: «بۇ جىنايەتنىڭ تەكشۈرۈلىشىنى تەقىب قىلىمىز، ئۈستىنىڭ يېپىلىشىغا يول قويمايمىز» دېگەن سۆزىنى سەرلەۋھە قىلدى.

ۋاشىنگىتون پوشتا گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى جەمال قاشىقجى 2018يىلى 2ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى رەسمىيەت بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەنچە يوقۇلۇپ كەتكەن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 20ئۆكتەبىردە بايانات ئېلان قىلپ، جەمال قاشىقجىنىڭ كونسۇلخانىدا يۈز بەرگەن مالىمانچىلىق جەريانىدا ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر