دۇنيا بويىچە ئەڭ نوپۇزلۇق مۇسۇلمان رەھبەر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «دۇنيا بويىچە ئەڭ نوپۇزلۇق مۇسۇلمان رەھبەر» لىككە تاللاندى.

1074112
دۇنيا بويىچە ئەڭ نوپۇزلۇق مۇسۇلمان رەھبەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە خان سارىيى ئىستىراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن تەييارلانغان يىللىق تەتقىقات كىتابىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان توغرۇلۇق مۇنۇ ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دەۋرىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، يەر شارى خاراكتېرلىك كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.»

مۇسۇلمان رەھبەرلەرنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە قارىتا نوپۇزىنى ئۆلچەپ چىقىشنى نىشان قىلىدىغان ۋە بۇ يىل 10 – قېتىم نەشىر قىلىنغان كىتابتا، تۈركىيەنىڭ گىرېتسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

كىتابتا، «دۇنيا بويىچە نوپۇزى نوپۇزى ئەڭ كۈچلۈك مۇسۇلمان رەھبەرلەر» تىزىملىكىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن قالسا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئىككىنچى رەتكە، ئىيوردانىيە پادىشاھى 2 – ئابدۇللاھ ئۈچىنچى رەتكە تىزىلدى.

«دۇنيا بويىچە نوپۇزى ئەڭ كۈچلۈك مۇسۇلمان رەھبەرلەر» تىزىملىكىدە بۇ يىل بىرىنچىلىككە تاللانغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، كىتابنىڭ 2016 – ۋە 2017 – يىللىرى نەشىر قىلىنغان قىسىملىرىدا، 8 – ۋە 5 – رەتكە تىزىلغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، تەتقىقات كىتابى 2009 – يىلدىن بۇيان ھەر يىلى بىر قېتىم نەشىر قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر