«تۈركىيە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قەد كۆتۈرۈپ، پۈتكۈل دۇنيانىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىپ، بىخەتەرلىكىنى قوغداش يولىدا چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتىن سىرت يەنە، ئىنسانىي جەھەتتىكى پىرىنسىپچانلىقى بىلەنمۇ پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.

1072077
«تۈركىيە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قەد كۆتۈرۈپ، پۈتكۈل دۇنيانىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىزمىردا، «دوققۇزىنچى سېنتەبىر ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ئاكادېمىيەلىك يىلى ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممە كارى بولمايۋاتقان ۋە يۈز ئۆرىۋاتقان سۈرىيەدە ئۈمىدلەر تېخىچە يوقالمىغان بولسا، بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ ئۈلۈش تۈركىيەگە ئائىتتۇر. ئافرىندىمۇ، جەرابلۇستىمۇ شۇنداق. بىز بولمىغان بولساق، بەلكى بۇ رايونلاردىكى ئىنسانلار ئاللىقاچان تېررورچىلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولاتتى. »

تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «نۆۋەتتە ئىراقتىن سۈرىيەگىچە، ياۋروپادىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى بولۇڭ پۇچقاقلىرىدا تېررورچىلارغا كۈندىلىك ھاياتنى زىندانغا ئايلاندۇرۇۋاتىمىز، دەرۋەقە، ئۇلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىپ، ئادەم بولغىنىغا جاق تويغۇزۇۋاتىمىز.»

نۇتىقىدا، بەزى كۈچلەرنىڭ « پېرېۋوت نىسبىتى» نىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق تۈركىيەگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «يېقىنقى كۈنلەردە بەزى كۈچلەر، < پېرېۋوت نىسبىتى> بىرئاز ئۆرلەپ كەتتى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۆسۈم نىسبىتىنىدىمۇ ئۆرلەش كۆرۈلدى، پۇل پاخاللىقدىمۇ ھەرىكەتلىنىش بايقالدى، دەپ تۈركىيەنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئەمما بىز بۇنىڭغا قىلچە پىسەنت قىلماي، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۇلۇغۋار نىشانلىرىمىزنى بويلاپ، تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئالدۇق، بۇ ئارقىلىق ئۆز يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. نۆۋەتتە <قىزىل رەقەم> نى يوقىتىش ئۈچۈن تەدرىجىي قەدەم تاشلاۋاتىمىز. پۇل پاخاللىقىغا قارشى  كۈرەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ، ئاستىرتىن پۇرسەت كۈتۈۋاتقانلارنىڭ خام خىياللىرىمۇ ھەردائىمقىغا ئوخشاشلا سۇغا چىلاشتى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مۇرادىغا يېتەلمەي ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر