قەيسەرى بىلەن سىۋاستا قانۇنسىز كۆچمەنلەر تۇتۇلدى

قەيسەرىدە چېگرادىن قانۇنسىز يوللار بىلەن ئۆتكەنلىكى ئېنىقلانغان 152 قانۇنسىز كۆچمەن تۇتۇلدى.

1071294
قەيسەرى بىلەن سىۋاستا قانۇنسىز كۆچمەنلەر تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالاتيا يولىغا ئۆتۈش ئېغىزىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ خەۋپسىزلىك خادىملىرى بىر مۇنبۇستىكى 20 كۆچمەننى قولغا چۈشۈردى. يېقىنقى ئىككى كۈندە، ۋان ۋىلايىتىدىن كېلىپ غەربتىكى ۋىلايەتلەرگە ماڭغان يولۇچى ئاپتوبۇسلىرىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا قانۇنسىز 132 كۆچمەن تۇتۇلدى. ئافغانىستان، پاكىستان ۋە باڭلادىشتىن كەلگەن 152 كۆچمەن، مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي رەسمىيەتلىرى بېجىرىلگەندىن كېيىن، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن قايتۇرۇش مەركىزىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

سىۋاستىمۇ قانۇنسىز يوللار بىلەن چەت ئەللەرگە چىقىپ كەتمەكچى بولغان 11 كۆچمەن تۇتۇلدى. سىۋاس-ئەرزىنجان تاشيولىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا گۇمانلىق بىر يۈك ئاپتوموبىلىنى توختاتقان ساقچى خادىملىرى، كىملىك ۋە رۇخسىتى يوق پاكىستانلىق ئالتە كىشىنى قولغا چۈشۈردى.

ساقچى خادىملىرى يەنە، تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن پىيادە ئۆتمەكچى بولغان ئافغانىستانلىق بەش كىشىنى قولغا چۈشۈردى.

كۆچمەنلەر مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي رەسمىيەتلىرىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر