يىلدىرىم شىۋېيتسارىيەدىكى تۈركلەر بىلەن كۆرۈشۈپ مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىنالى يىلدىرىم، ياۋروپادا ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ قىممەت – قاراشلىرى ۋە مىللەتنىڭ ئار – نومۇسى مەسىلىسىدە قەتئىي بەل قويۇۋەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

1068855
يىلدىرىم شىۋېيتسارىيەدىكى تۈركلەر بىلەن كۆرۈشۈپ مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېيتسارىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان بىنالى يىلدىرىم، تۈركىيەنىڭ بېرندىكى ئەلچىخانىسىدا دۆلەتنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئامما بىلەن دىدارلاشتى ۋە ئۇلارغا خىتاب قىلىپ، ياۋروپادىكى مۇساپىر تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تۈزۈملىرىگە ماسلىشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى، بىراق قەيەردە بولۇشلىرىدىن قەتئىينەزەر، مۇساپىرلارنىڭ ئانا ۋەتەنلىرىنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

چوڭ مەدەنىيەتلەرگە ئىگە بولۇشنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن يىلدىرىم، «شارائىتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قانچىلىك قىيىنچىلىق، قانچىلىك بېسىملارغا دۇچ كېلىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر، قىممەت – قاراشلىرىمىز، مىللىتىمىز ئار – نومۇسى مەسىلىسىدە قەتئىي چىڭ تۇرىمىز. ياۋروپا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىز بۇزۇلغان چاغدىمۇ سىلەر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ كاپالىتى سىلەر» دېدى.

تۈركىيەگە قارشى ھەر تۈرلۈك ئويۇنلارنىڭ ئوينالغانلىقىنى بايان قىلغان يىلدىرىم، «بەزىدە تېررور بىلەن، بەزىدە ئىقتىسادىي بېسىملار بىلەن ئالدىمىزغا چىقىشىدۇ. بەزىدە تۈركىيەنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق دېگەن نام ئاستىدا بېسىمغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇشۇپ كېلىشمەكتە. شارائىتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز مىللىتىمىزدىن ئالغان كۈچ بىلەن، سىلەردىن ئالغان كۈچ بىلەن ئەڭ گۈزەل شەكىلدە خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز، كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باش ئەلچى سايگىلى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىنالى يىلدىرىم ۋە ھەمراھلىقىدىكىلەرنىڭ شەرىپىگە كەچلىك زىياپەت بەردى.

شىۋېيتسارىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى تۈنۈگۈن باشلىغان يىلدىرىمنىڭ زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمىنى 139 – نۆۋەتلىك پارلامېنتلار ئارا بىرلىك يىغىنى تەشكىل قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر