سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئاختۇرۇلىدۇ
ئامېرىكادا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى جەمال كاشىكچى 2-ئۆكتەبىر ئۆيلىنىش رەسمىيەتلىرى بېجىرىش ئۈچۈن كىرىپ كەتكىنىچە قايتا چىقمىغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى كۈتۈش داۋام قىلماقتا.
1068997
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن باشلانغان جەمال كاشىكچى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشتىن ھازىرغىچە ھېچقانداق نەتىجە يوق.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىدە، بۈگۈن (15-ئۆكتەبىر) چۈشتىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن جەمال كاشىكچىغا مۇناسىۋەتلىك سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئاختۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.