«تېررورچى ئۇنسۇرلارنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىمىز»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورچى ئۇنسۇرلارنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1068098
«تېررورچى ئۇنسۇرلارنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قەيسەرىدىكى «جۇمھۇرىيەت مەيدانى» دا ئۆتكۈزۈلگەن «<ئاممىۋى مۇئەسسەسەلەرنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش> مۇراسىمى» دا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئەنقەرەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ئىرادىسىنىڭ ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى كۈچلەرنىڭ تۈركىيەگە زىيان – زەخمەت يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما تۈركىيەنىڭ ئۇلارنىڭ ۋە  بارلىق تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يېتىشىگە ئەسلا يول قويمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق تېررورچى ئۇنسۇرلارنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

نۇتىقىدا، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە قورال – ياراغلاردىن تازىلانغانغان رايون قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋە ئىستىراتېگىيەلىك جەھەتتىن ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىرى تۈپەيلى پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئۆزلىرىنى تەبرىكلەۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ،  تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىنىڭ ئاداققىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر