تۈركىيە پاكىستاندا مېدىيا ۋە ماشىنا ئادەم تەجرىبىخانىسى قۇرۇپ چىقتى

تۈرك ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا، پاكىستاندا بەيتۇسسالام مائارىپ ۋەقىپىسىدە مېدىيا ۋە ماشىنا ئادەم تەجرىبىخانىسى قۇرۇپ چىقتى.

1064486
تۈركىيە پاكىستاندا مېدىيا ۋە ماشىنا ئادەم تەجرىبىخانىسى قۇرۇپ چىقتى
tika pakistan robot.jpg
tika pakistan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا، پاكىستاننىڭ تالاگاڭ شەھىرىدىكى بەيتۇسسالام مائارىپ ۋەقىپىسىدە مېدىيا ۋە ماشىنا ئادەم تەجرىبىخانىسى قۇرۇپ چىقتى.

تەجرىبىخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيەنىڭ ئىسلامئابادتا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئىھسان مۇستاپا يارداكۇل، تىكا ئىسلامئاباد مەسئۇلى مەھمەت ئەمرە ئاكتۇنا بىلەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچى قاتناشتى.

تەخمىنەن 700 ئوقۇغۇچى پايدىلىنالايدىغان تەجرىبىخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان يۇرداكۇل: تۈركىيە بىلەن پاكسىتان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تارىخى ئۇزۇن، يېقىنقى مەزگىللەردە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ زىيارەتلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىپادىسىدۇر، دېدى.

يۇرداكۇل تۈركىيەنىڭ پاكىستانغا مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بەيتۇسسالام مائارىپ ۋەقپەسى باشلىقى مۇپتى ۋاكار تىكاغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن كەلگەن پەرزەنتلىرىمىزگە ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان تۈركىيەگە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز، بۇ تەجرىبىخانا ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالىدۇ ۋە بۇ جايدا سۈپەتلىك تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىشىمىزدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.»

تىكا پاكىستان مىقىياسىدىكى مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش، ئوقۇ-ئوقۇتۇش قوراللىرىنى تارقىتىش ۋە كەسپىي بىلىملەرگە ئوخشاش پائالىيەتلەرنى قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر