ساياھەت مەركىزى فەتھىيەدە كۆچمەنلەر تۇتۇلدى

مۇغلانىڭ فەتھىيە ناھىيەسىدە قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەگە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان 93 كۆچمەن تۇتۇلدى.

1064388
ساياھەت مەركىزى فەتھىيەدە كۆچمەنلەر تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇغلانىڭ گۆجەك ساھىل بىخەتەرلىكى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ خادىملىرى گەمىلەر كويۇ ساھىلىدا چارلاش جەريانىدا، بىردانە گۇمانلىق پاراخوتنى توختاتقان.

 تەكشۈرۈشتە، كىچىك بالىلار ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراق، سومالى ۋە پەلەستىندىن كەلگەن 93 كۆچمەن تۇتۇلغان. كۆچمەنلەر فەتھىيە ساھىل بىخەتەرلىكى قوماندانلىق مەركىزىگە ئاپىرىلغان ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرى بېجىرىلگەندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

تەخمىنەن 20 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پاراخوت مۇسادىرە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر