چاۋۇشئوغلۇ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەسىمىي زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بېرىلگەن يېپىق ھالەتتىكى رەسمىي زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلدى.

1060770
چاۋۇشئوغلۇ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەسىمىي زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىدارە ھەيئىتى باشلىقى كلائۇس شۋاب ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان زىياپەتتە، ياۋروپانىڭ دۇنيادىكى رولى ۋە بالقان ئەللىرىگە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

مەزكۇر رەسمىي كەچلىك زىياپەتكە چاۋۇشئوغلۇ ۋە شۋابتىن باشقا سىلوۋېنىيە پىرېزىدېنتى بورۇت پاخور، سېربىيە باش مىنىستىرى ئانا برنابىچ، كىرودىيە باش مىنىستىرى ئاندرېج پلېنكوۋىچ، ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئىدى راما، گېرمانىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، قاراداغ باش مىنىستىر ياردەمچىسى زوران پازىن، ب د ت 72 - ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى ۋە سىلوۋاكىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىروسلاۋ لاجكاك بىلەن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى باشلىقى بورگ برېندقا ئوخشاش ئەربابلار قاتناشتى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، بۈگۈن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ غەربىي بالقان دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر