بىر ھەپتىلىك تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەلۇماتلىرى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 24-سېنتەبىردىن 1-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 28 ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

1059856
بىر ھەپتىلىك تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەلۇماتلىرى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىر ھەپتىلىك تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بىر ھەپتىلىك تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، مەملىكەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 28 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 9 ى ئۆلۈك ھالدا، 11ى تىرىك قولغا چۈشۈرۈلگەن، 8 ى تەسلىم بولغان. ئۈچ ۋىلايەتتە 11 پاناھلىنىش جايى، ئۆڭكۈر، غار بىتچىت قىلىنغان. يەتتە دانە سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان بومبا ۋە مېنا بىر تەرەپ قىلىنغان، 13 دانە قول بومبىسى، 506 كىلوگىرام پارتلىتىش ماددىسى، 16 دانە ئېغىر تىپلىق ۋە يىراق مۇساپىلىق قورال بىلەن 567 دانە ھەربىي ئەشيالار قولغا چۈشۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر