چېگرا سىرتىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 14 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1059009
چېگرا سىرتىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە، تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا 3، ئاۋاشىن – باسيان رايونىدا 5، گارا رايونىدا 6  بولۇپ، جەمئىي پ ك ك لىق 14 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر