جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1058603
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋالتېر ستېينمىيېرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بېرلىنغا يېتىپ بارغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بېللېۋۇ سارىيىدا ستېينمىيېر تەرىپىدىن ھەربىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان  بېللېۋۇ سارىيىدا ئالدى بىلەن مېھمان دەپتىرىنى ئىمزالىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋالتېر ستېينمىيېر بىلەن كۆۈشكەندىن كېيىن، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدى.

ئىگىلىنىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گېرمانىيەدىكى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ خوجانلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان  يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋالتېر ستېينمىيېر تەرىپىدىن شەرىپىگە بېرىلىدىغان كەچلىك تاماق زىياپىتىگە قاتنشىىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر