تۈركىيە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ «مۇۋەپپەقىيەت ماكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ «مۇۋەپپەقىيەت ماكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى.

1056889
تۈركىيە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ «مۇۋەپپەقىيەت ماكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى تېدروس ئادھانوم «يۇقۇملۇق بولمىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىش» پىلانى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلىك پائالىيەتلىرى تۈپەيلى تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىغا لايىق كۆرۈلگەن «مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى» نى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەقدىم قىلدى.

«مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى» نى تەقدىم قىلىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش مەركىزىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 73 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن نىيۇ يوركتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدىكى ھەيئەتتىن ئورۇن ئالغان سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجامۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر