«600 دىن ئارتۇق دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى لايىھەسى ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەدە نۆۋەتتە 600 دىن ئارتۇق دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى لايىھەسىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1054742
«600 دىن ئارتۇق دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى لايىھەسى ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ»
erdogan teknofest.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يېڭى ئايرودۇرۇمدا ئۆتكۈزۈلگەن تېكنوفېست ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە تېخنولوگىيە فېستىۋالىدا قىلغان سۆزىدە، تېخنولوگىيەنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى دۇنيادا مۇستەقىللىقنىڭ ئالدىن شەرتى، دۆلەتنى ئىلغار تېخنولوگىيەلەرنى لايىھەلەپ چىقالايدىغان، ئىشلەپچىقىرالايدىغان ۋە ئېكسپورت قىلالايدىغان دەرىجىدە قۇدرەت تاپقۇزۇشتۇر.  تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ئۈمىد چىرىغى ياندۇرۇشتۇر. بىزمۇ تۈركىيەگە قازاندۇرغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئەنە شۇ ئۈمىد چىرىغىنىڭ تۈرتكىسىدە قازاندۇردۇق. مېنىڭچە، تېكنوفېست ئالغا سىلجىش قەدىمىدۇر. باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن مەزگىللەردە دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە ناھايىتى مۇھىم بىر خىزمەتنى ئىشقا كىرىشتۈردۇق. تانكا، تىك ئۇچار ئايروپىلان، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن مەھسۇلاتلارنى تەييار ھالەتتە سېتىۋلىش لايىھەلىرىنى بىكار قىلىپ، ئورنىغا، مىللىي ۋە ئۆزگىچە مودېللارنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن  ھەركەتكە ئۆتتۇق. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە 600 دىن ئارتۇق دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى لايىھەسى ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ. پۇل – مۇئامىلە، ساغلاملىق، ئېنېرگىيە تېخنولوگىيەلىرىنى يەرلىك ۋە مىللىي تېخنولوگىيەلەرگە ئۆزگەرتىپ، مۇستەقىللىقىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە تىرىشىۋاتىمىز، چەت ئەللەردىكى ئالىملىرىمىزنىڭ يۇرتقا قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپەرۋەرلىك خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ، رەھبىرىي تەتقىقاتلار پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىملىرىمىزنى نۆۋەتتە بىز دۆلىتىمىزدە ئىشقا كىرىشتۈرۈۋاتقان خىزمەتلىرىمىز ھەم پائالىيەتلىرىمىزغا ئاكتىپچانلىق بىلەن قاتنىشىشقا چاقىرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر