جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى داڭلىق شىركەتلىرىنىڭ دىرېكتورلىرىنى قوبۇل قىلدى.

1053010
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 3 سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان ئۇچرىشىشقا، تۈركىيە سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك، سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۈتفى ئەلۋان قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

ئۇچرىشىشنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىنىڭ قاراشلىرىنى تېخىمۇ يېقىندىن تونۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئامېرىكا – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى بەزىدە تەرەققىي قىلىپ، بەزىدە كەينىگە چېكىنىپ كېتىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي ، ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىقىمىزنىڭ سېلىنما ۋە سودا ۋاسىتىسى ئارقىلىق تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان تەخمىنەن 16 يىلدىن بۇيان مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھەمراھلار بىلەن كېڭىشىشكە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، سۆزلىرىگە مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلدى: «ئىشىكىمىز سىلەرگە ھەمىشە ئوچۇقتۇر. خۇسۇسەن مەن، مىنىستىر دوستلىرىم، مەسلىھەتچىلىرىم قاتارلىقلارمۇ سىلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە سودا ئىشلىرىڭلاردا سىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىمىز. سىلەر تۈركىيەنىڭ رايونىدىكى شۇنچە كۆپ مۇقىمسىزلىق، توقۇنۇش ۋە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي قانداق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسىلەر. نۆۋەتتە بىز دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن ئۆتكەللەر بىز ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغان قىيىنچىلىقلارمۇ ئەمەستۇر. سىلەرمۇ چوقۇم كۆرىسىلەر، خۇدايىم بۇيرىسا، تۈركىيەنىڭ كېلەچىكى تېخىمۇ ئايدىڭلىق ۋە تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر