تۈركىيە چېگرادىكى قىسىملارنىڭ ئارقا سېپىنى كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيە چېگراسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قىسىملارنىڭ ئارقا سېپىنى كۈچەيتىش خىزمەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.

1050272
تۈركىيە چېگرادىكى قىسىملارنىڭ ئارقا سېپىنى كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيە چېگراسىدىكى قىسىملارنىڭ ئارقا سېپىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئەۋەتىلگەن شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك، بىرونېۋىك، تانكا ۋە ئوفىتسېرلار تۈنۈگۈن خاتايغا يېتىپ باردى.

شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك، بىرونېۋىك، تانكا ۋە ئوفىتسېرلاردىن تەشكىل تاپقان ھەربىي ئاپتوموبىللار خاتاينىڭ ھاسسا ناھىيەسىدىن ئۆتۈپ، كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا قىرىقخانغا قاراپ يولغا چىقتى؛ ئۇ يەردىن سۈرىيە چېگراسىغا يولغا سېلىندى.

خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئىلگىرىلەۋاتقان ھەربىي لازىمەتلىكلەر بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ چېگرادىكى قىسىملارنىڭ ئارقا سېپىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە يولغا سېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر