تۈركىيە جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاستانا سۆھبەتلىرىنىڭ كاپالەتچى دۆلەتلىرى يىغىنى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە، سۈرىيە ئۈچۈن ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇش مۇساپىسىنىڭ ئاستانا سۆھبەتلىرىنىڭ كاپالەتچى دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئەمەلىي مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1047917
تۈركىيە جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاستانا سۆھبەتلىرىنىڭ كاپالەتچى دۆلەتلىرى يىغىنى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئاستانا سۆھبەتلىرىنىڭ كاپالەتچى دۆلەتلىرى تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ھەيئەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 10-، 11- سېنتەبىر كۈنلىرى جەنۋەدە ب د ت  باش كاتىپىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفان دې مىستۇرا بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، «ئۇچرىشىشتا، سۈرىيە كىرىزىسىغا سىياسىي چارە تېپىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلار دائىرىسىدىكى مۇھىم بىر ئۆتكەلنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇسۇل بەلگىلىمىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدى. بۇ دائىرىدە، ھاكىمىيەت ۋە ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنغان تىزىملىكلەر ئۈستىدە پىرىنسىپ جەھەتتىن بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى، تەشكىللىنىدىغان گۇرۇپپىلارنىڭ ئۈچىنچىسى بولغان ئىجتىمائىي كۈچلەر گۇرۇپپىسىنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. (بۇ) مۇساپە، ئاستانا سۆھبەتلىرىنىڭ كاپالەتچى دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئەمەلىي مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر