سويلۇ: ئىدلىب ھۇجۇمى پەيدا قىلىدىغان كۆچۈش دولقۇنىنىڭ جاۋابكارى تۈركىيە بولمايدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە قىلىنىدىغان ھۇجۇملار پەيدا قىلىدىغان كۆچۈش دولقۇنىنىڭ جاۋابكارىنىڭ تۈركىيە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1046047
سويلۇ: ئىدلىب ھۇجۇمى پەيدا قىلىدىغان كۆچۈش دولقۇنىنىڭ جاۋابكارى تۈركىيە بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈلەيمان سويلۇ، خاتاي يايلاداغىدىكى ۋاقىتلىق پاناھلىنىش مەركىزىدە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، «بىزنىڭ دەردىمىز ئىنسانلىقىمىزدۇر. بۇ جەھەتتىكى پىكىرلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. بۇنىڭدىن ۋاز كەچمەيمىز. ئۇيەردىن ھۇجۇملار بىلەن باشلىنىدىغان كۆچۈش دولقۇنىنىڭ جاۋابكارلىقى بىزگە ئائىت ئەمەس. بۇمۇ ئوچۇق ۋە روشەندۇر» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىز بارغان بارلىق خەلقئارالىق يىغىنلاردا، پۈتۈن ئاتالمىش چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان چاغدا باشلىرى چۈشۈپ كېتىدۇ. چۈنكى، ئېغىزلىرىدىن چىققان سۆزلەر بىلەن قىلغان ئىشلىرى ئارىسىدا ئېغىر زىتلىقلار ۋە تۇترۇقسىزلىقلار مەۋجۇتتۇر.) دېدى.

دۆلەتلىرىگە قايتقان سۈرىيەلىكلەر توغرىسىدىمۇ توختالغان سويلۇ، يېقىنقى 2 يىلدا 255300 سۈرىيەلىكنىڭ ئۆيلىرىگە قايتقانلىقىنى، بۇنىڭ 160 مىڭىنىڭ فىرات قالقىنى ھەرىكىتى رايونىدا تۈركىيەنىڭ سايىسىدا خاتىرجەم مۇھىت يارىتىلغاندىن كېيىن قايتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر