تۈركىيە چېگراسىدىكى ھەربىي ھازىرلىقلار
تۈركىيە سۈرىيە چېگراسى ئىچىدىكى قىسىملارغا زاپاس ھالدا ئەۋەتىلگەن تانكىلار قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرىدىن تەشكىل تاپقان ھەربىي ئاپتوموبىلار كىلىسقا يېتىپ باردى.
1044636
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان ۋىلايەتلەردىكى قىسىملاردىن ئەۋەتىلگەن ۋە تانكىلار قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتى كىلىستىن ئۆتۈپ، ئەلبەيلى ناھىيەسىنىڭ سۈرىيە چېگراسىدىكى لىنىيەگە قاراپ يولغا چىقتى.
ئىگىلىنىشىچە، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئىچىدە يولغا چىققان ھەربىي ئاپتوموبىللار چېگرا رايونىنىڭ سۈرىيە تەرىپىدىكى قىسىملار ئۈچۈن زاپاس سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن.