جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي سۈرىيە كوردىناتسىيە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

سۈرىيە كوردىناتسىيە يىغىنى، جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوكتاينىڭ رىياسەتچىلىكىدە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا چاقىرىلدى.

1043535
جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي سۈرىيە كوردىناتسىيە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 15 مىنىستىر ياردەمچىسىدىن سىرت جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش باشقارمىسى، مىللىي ئىستىخابارات ئىدارىسى ۋە دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىشتىراك قىلغان سۈرىيە كوردىناتسىيە يىغىنىدا، مىنىستىرلىقلار ۋە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ، سۈرىيەدىكى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان رايونلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى مۇھاكىمە قىلىندى.

مىنىستىرلىق ۋە ئالاقىدار ئىدارە – ئورگانلارنىڭ ئەمەلدارلىرى، رايوندا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتايغا دوكلات سۇنغان مەزكۇر يىغىندا، ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەرگە قارىتا يولغا قويۇلغان ۋە قويۇلىدىغان چارە – تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ئۈچۈن تۈركىيەگە بېرىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان ئىككىنچى 3 مىليارد ياۋرو پۇلنىڭ قانداق ئىشلىتىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تەكلىپ – تەۋسىيەلەرمۇ بەس – مۇنازىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر