ۋاندا 40 كۆچمەن تۇتۇلدى

ۋان ۋىلايىتىدە قانۇنسىز يوللار بىلەن چېگرادىن كىرگەنلىكى ئېنىقلانغان 40 كۆچمەن 14 كىشىلىك بىر مىنبۇستا تۇتۇلدى.

1042747
ۋاندا 40 كۆچمەن تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋان ساقچى خادىملىرى چالدىران-مۇرادىيە تاشيولىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا گۇمانلىق بىر مىنبۇسنى توختاتتى. مىنبۇستا چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن 29 ئافغانىستانلىق، توققۇز ئىراقلىق ۋە ئىككى پاكىستانلىق جەمئىي 40 كۆچمەن تۇتۇلدى.

قانۇنسىز كۆچمەنلەر مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەردىن كېيىن، ۋان ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر