تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان گارا رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

1042725
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا؛ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان گارا رايونىدا تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى باياناتىدا، «ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان گارا رايونىدا 2018 – يىلى 3 – سېنتەبىردە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىمىزغا ۋە ھەربىي رايونلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر