جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قىرغىزىستاندا قىزغىن قارشى ئېلىندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جېنبېكوۋ تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قىزغىن قارشى ئېلىندى.

1041372
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قىرغىزىستاندا قىزغىن قارشى ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇراسىمدا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىقلال مارشلىرى ئوقۇلدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  ھۆرمەت قاراۋۇلىغا سالام بەردى.

رەسمىي قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جېنبېكوۋ ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن دۆلەت سارىيىغا ئۆتتى.

ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، تۈركىيە – قىرغىزىستان ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 4 – نۆۋەتلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، يىغىندىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جېنبېكوۋ قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر