ئەردوغان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زەرىفنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنى قوبۇل قىلدى.

1040095
ئەردوغان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زەرىفنى قوبۇل قىلدى
zarif-cavusoglu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدىكى باش مەركىزىدە يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشى بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى؛ ئۇچرىشىشقا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ قاتناشتى.

مىنىستىر زەرىف بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا، «ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زەرىف بىلەن سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈنتەرتىپىمىزدىكى ئىككى دۆلەت ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتۇق» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر