تۈركىيە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ تۈركىيەنى ياۋروپاغا قارشى دېگەن باياناتىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

1039248
تۈركىيە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي ماكروننىڭ تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى ئۈستىدە توختالغاندا ئېيتقان سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈنۈگۈن (27-ئاۋغۇست) ماكروننىڭ پارىژدا ئېچىلىۋاتقان باش ئەلچىلەر كونفېرانسىدا دۆلىتىمىزگە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى ھەققىدە ئېيتقان بەزى سۆزلىرىنى تەسادىپىيلىق دەپ قارايمىز.»

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«دۆلىتىمىز 2016-يىلى 15-ئىيۇل يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى سەۋەبىدىن ئىنتايىن قىيىن دەۋىرنى باشتىن كەچۈردى. شۇنداقتىمۇ ئۆتكەن ئاي (ئىيۇل) دا جددىي ھالەتنى ئەمەلدىن قالدۇردى. تۈركىيە ئالاھىدە مەزگىلگە قەدەم قويۇپ، جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىگە ئۆتكەندىن كېيىن، بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسلاھاتى مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. ماكروننىڭ دۆلىتىمىز ھەققىدىكى باياناتلىرى ھەقىقەتنى چۈشىنىشتىن تولىمۇ يىراقلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.»

ئۇ ياۋروپانىڭ سىياسىي، تارىخىي ۋە جۇغراپىيەلىك نۇقتىدىن ئايرىلماس بىر پارچىسى بولغان ھەمدە ياۋروپا قىتئەسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەر دائىم زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى تەلەپ قىلىنغاندىنمۇ بەكىرەك ئورۇنلىغان تۈركىيەنى ياۋروپاغا قارشى دېيىشنىڭ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ناتو ئەزاسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نامزات بولغان تۈركىيەنىڭ، دېمىسىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئېتىبار بېرىلگەن شېرىكى ئىكەنلىكىنى، قانۇنسىز كۆچتىن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەردە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن شېرىكلىك ۋە ھەمكارلىق مېخانىزمىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك، دېموكراتىك ۋە لائىك بولغان تۈركىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇش يولىدا ئىلگىرىلەش قەتئىي ئىرادىسىگە ئىگە. دۇنيانىڭ كېسەللىكى ھالىغا ئايلانغان ئاممىۋىزم (پوپولىزم) ۋە ئايرىمىچىلىققا قەتئىيلىك بىلەن قارشى بولغان نىشانىمىز-تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئورتاق مەنىۋى بايلىقلىرىمىزغا تايانغان ۋە تۈركىيەلىك بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدۇر» دېدى.

ئۇ ماكروننىڭ سۆزىدە بىر قانچە قېتىم ئىسلام دىنىنى تېررورلۇققا باغلىماقچى بولغانلىقىغىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«تېررورلۇقنىڭ دىنى، مىللەت تەۋەلىكى ۋە ئىرقى بولمايدىغانلىقىنى، بۇ ئاپەتنى ھەر قانداق دىنغا باشلاشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئىنتايىن خاتا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم دەپ قويۇشنى خالايمىز.»

ئۇ ئاخىرىدا، سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇنداق دېدى:

«دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرى تېخىمۇ مۇرەككەپ، ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ۋە ناھايىتى خەتەرلىك ئىمتىھانلارغا دۇچ كەلگەن يېڭى مەزگىلدە، تۈركىيەلىك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى خاتىرىلەتمەكچىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر