تۈركىيە بىرمانى روھىنگيا مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە بىرما ھۆكۈمىتىگە روھىنگيا مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىىش ئۈچۈن قەدەم تاشلاشقا چاقىرىق قىلدى.

1038843
تۈركىيە بىرمانى روھىنگيا مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىرما ھۆكۈمىتىنى روھىنگيا مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا چاقىردى. مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بىرمانىڭ ئاراكان ئىشتاتىنىڭ شىمالىدا 2017-يىل 25-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردىن كېيىن باشلانغان ۋە 700 مىڭدىن ئارتۇق روھىنگيا مۇسۇلمانلىرى باڭلادىشتىن پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولۇشقا سەۋەب بولغان ئىنسانىي كىرىزىسنىڭ، ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەن بولسىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ب د ت دوكلاتلىرىدا روھىنگيا مۇسۇلمانلىرى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنىڭ ۋەھىمىلىك ئىكەنلىكىنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، روھىنگيا مۇسۇلمانلىرى ئۇچرىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ خەلقئارالىق قانۇن نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئەڭ ئېغىر جىنايەتكە توغرا كېلىدىغانلىقىنىڭ بايقالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ب د ت دوكلاتىدا بىرمانىڭ مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن-ئۆتكۈزمىگەنلىكىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە بىرما ھۆكۈمىتى بىلەن باڭلادىش ئوتتۇرىسىدا كىرىزىسنى ھەل قىلىش  ئۈچۈن دىيالوگنىڭ داۋاملىشىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، ھازىرغىچە قايتا قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنىڭ باشلانمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بىرما ھۆكۈمىتىنى خەلقئارالىق جەمئىيەت بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان ھالدا مەسىلىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن قەدەم تاشلاشقا، ئاراكان ئىشتاتىدا مەجبۇرىي يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلانغان روھىنگيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىخەتەر، شەرىپى بىلەن ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇش شەرتى ئاستىدا ئۆي-ماكانلىرىغا قايتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان شارائىتلارنى يارىتىشقا چاقىرىمىز.»

باياناتتا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىرىزىس باشلانغاندىن تارتىپ خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. بۇ دائىرىدە، يېقىندا رايوندىكى ئىنسانىي ئەھۋاللارنى ياخشىلاشتا دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش مەقسىتىدە 6-ئىيۇل خەلقئارالىق ۋەكىللەرنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئەنقەرەدە «خەلقئارالىق روھىنگيا  مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەنلىكى خاتىرىلىتىلدى.

باياناتتا: «تۈركىيە روھىنگيا مۇسۇلمانلىرى باشتىن كەچۈرگەن تىراگېدىيەلەرنىڭ خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇرۇش ۋە مەسىلىنىڭ بىرما بىلەن باڭلادىش ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دىيالوگ ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملىق قوللايدۇ» دېيىلدى.

ب د ت تەرىپىدىن قۇرۇلغان خەلقئارالىق بىرما مۇستەقىل كۆزىتىش كومىتېتى بىرما ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى مىن ئاڭ خلايىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قارشى يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە سوتقا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ب د ت نىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا: «ھەربىي ھەرىكەتلەر ھەرگىزمۇ ھېچنىمىنى ئايرىپ ئولتۇرماي جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى، ئاياللارغا كوللېكتىپ ھالدا باسقۇنچىلىق قىلىشنى، كىچىك بالىلارغا ھۇجۇم قىلىشنى ۋە يېزىلارنى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈپ تاشلاشنى ھەقلىق قىلمايدۇ.  ئاراكان ئىشتاتىدىكى مەۋجۇت بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قارىغاندا، بىرما ئارمىيەسىنىڭ تاكتىكىلىرى، ئىزچىل ھالدا ناھايىتى ئېغىر مۇۋازىنەتسىز بولغان» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر