تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار يېقىنقى بىر ھەپتىلىك سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 26 ئەزاسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1038369
تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار يېقىنقى بىر ھەپتىلىك سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، 20 – ئاۋغۇستتىن 27 – ئاۋغۇستقىچە بولغان بىر ھەپتىلىك جەرياندىكى ئىچكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 5 نەپىرى ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل بولۇپ جەمئىي 26 نەپەر پ ك ك تېررورچىسىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە بىر ئۆڭكۈر بىتچىت قىلىپ تاشلاندى، 14 دانە ئېغىر ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق قورال، 13 قول بومبىسى، 1290 دانە ھەر خىل تۈردىكى ئوق قولغا چۈشۈرۈلگەن، بىر دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ چۇۋۇپ تاشلانغان.

يەنە بىر تەرەپتىن دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئەترىتى تەرتىپ – ئىنتىزامسىز كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەش دائىرىسىدە دېڭىزلاردا 608 كۆچمەننى قولغا چۈشۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر