خۇلۇسى ئاقار بىلەن ھاقان فىدان رۇسىيەدە ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ۋە دۆلەت ئىستىخبارات تەشكىلاتى رەئىسى ھاقان فىدان رۇسىيەگە يېتىپ باردى.

1037112
خۇلۇسى ئاقار بىلەن ھاقان فىدان رۇسىيەدە ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇلۇسى ئاقار ۋە ھاقان فىدان رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ۋە باشقا مەسئۇللار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇچرىشىشتا رايون خاراكتېرلىق بىخەتەرلىك، سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

تۈركىيە ھەيئىتى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ۋە دۆلەت ئىستىخبارات تەشكىلاتى رەئىسى ھاقان فىدان ئالدىنقى ھەپتىمۇ موسكۋادا ئۇچرىشىشلاردا بولغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر