«تېررورىزىمنى زېمىنىمىزدىن پات يېقىندا يوق قىلىمىز»

مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار تېررورىزىمنىڭ تۈركىيە زېمىنىدىن پات يېقىندا يوق قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1035685
«تېررورىزىمنى زېمىنىمىزدىن پات يېقىندا يوق قىلىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار يېقىن كەلگۈسىدە تېررورىزىمنى چوقۇم يوق قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

مۇداپىئە مىنىستىرى ئاكار بىلەن بىر قىسىم قوماندانلار تۈنۈگۈن ئىراق چېگرسىنىڭ نۆل نۇقتىسىدىكى ھاككارىنىڭ ئاكتۈتۈن چېگرا مۇداپىئە ئەترىتىدىكى تۈرك ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈنەپ چىقتى، ھېيت نامىزىنىمۇ ئاكتۈتۈن چېگرا مۇداپىئە ئەترىتىدىكى ئەسكەرلەر بىلەن ئادا قىلدى.

ھېيت نامىزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن سۆز  قىلغان مۇداپىئە مىنىستىرى ئاكار مۇنداق دېدى: «پات يېقىندا تېررورىزىمنى زېمىنىمىزدىن يوق قىلىمىز. ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ  قىلىنمىغۇچە توختاپ قالمايمىز. ھازىرغىچە بىرمۇ ئەسكىرىمىزنىڭ قېنى يەردە قالمىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قالمايدۇ. ھازىرغىچە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سادىر قىلغانلار قانۇن تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قۇتۇلالمايدۇ.»

 مىنىستىر ئاكار ۋە ھەربىي قوماندانلار ئىكىياكالار رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىمۇ يېقىندىن كۆزەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر