ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ھەربىي ھەرىكەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش «رەھبەر» قاتلىمىدىكى يەتتە تېررورىستنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 52 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.

1034376
ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ھەربىي ھەرىكەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى 10-16-ئاۋغۇست كۈنلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتقا ئاساسلانغاندا، شىرناك بىلەن سىئىرت ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش «رەھبەر» قاتلىمىدىكى يەتتە تېررورىست بولۇپ، جەمئىي 52 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىنغان. بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورىستلار ئىچىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش ئىراقنىڭ سىنجار رايونىنىڭ مەسئۇلىمۇ بار ئىكەن.

ئىز قوغلاش ھەرىكەتلىرىدە، تېررورىستلار تاشلاپ قاچقان نۇرغۇن قورال-ياراغلار قولغا چۈشۈرۈلگەن، 41 دانە سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان بومبا بىر تەرەپ قىلىنغان.

سۈرىيەنىڭ تېررورىستلاردىن تازىلانغان ئافرىن رايونىدا، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورىستلارنىڭ سانى 4 مىڭ 573 كە يەتكەن. 2018-يىل 18-مارت ئافرىن پۈتۈنلەي كونترول قىلىنغاندىن تارتىپ، 263 مېنا تازىلانغان ۋە 381 دانە سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان بومبا بىر تەرەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر