ئەردوغان بىلەن ماكرون تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1033761
ئەردوغان بىلەن ماكرون تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

ئىككى رەھبەر فىرانسىيە-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋەتلىرى، ئۆزئارا سېلىنمىلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى رەھبەر مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراك بىلەن فىرانسىيە مالىيە مىنىستىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈشۈشىنى قارار قىلغان. پىرېزىدېنت ماكرون تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي مۇقىملىقىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئىككى رەھبەر يەنە، ئىدلىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر