ئىقتىسادىي ئۇرۇشتا يىڭىلمەيمىز

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك لىراسىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىكى دولقۇنسىمان ئۆزگىرىشلىرى توغرىسىدا: «ئىقتىسادىي ئۇرۇشتا يېڭىلمەيمىز» دېدى.

1029885
ئىقتىسادىي ئۇرۇشتا يىڭىلمەيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بايبۇرت زىيارىتى جەريانىدا دوللار قىممىتىدىكى دولقۇنسىمان ئۆسۈش-چۈشۈشلەر ئۈستىدە توختالدى ۋە بۇ ھەقتە مۇھىم بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ «ئىقتىسادىي ئۇرۇش ئىچىدە ئىكەنلىكى» توغرىسىدىكى باياناتىنى تەكرارلىدى ۋە: «ئىقتىسادىي ئۇرۇشتا يىڭىلمەيمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (9-ئاۋغۇست) رىزە زىيارىتى جەريانىدا مۇنداق دېگەن ئىدى:

«ھەر خىل قەستلەش ھەرىكەتلىرى قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ھەرىكەتلەرگە ئەھمىيەت بەرمەڭلار. شۇنى ئۇنتۇماڭلار، ئۇلارنىڭ دوللىرى بولسا، بىزنىڭ ئاللاھىمىز، ھەققىمىز، خەلقىمىز بار. بىز كۆپ تىرىشىمىز. 16 يىل بۇرۇن قەيەردە ئىدۇق، بۈگۈن قەردىمىز؟  سىلەرگە ئاللاھتىن سەۋر، غەيرەت-شىجائەت تىلەيمەن. كۆپ تىرىشىشىمىز كېرەك، ئىنشائاللاھ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100-يىللىقى بولغان 2023-يىلىنى ئوخشىمىغان ھالدا تەبرىكلەيمىز، مېنىڭ بۇنىڭغا ئىمانىم ، ئىشەنچىم بار» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر