ئېمبارگولارنىڭ چوقۇم بەدىلى بولىدۇ

تۈركىيە ئامېرىكا ئېمبارگولىرىنىڭ چوقۇم بەدىلى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1030215
ئېمبارگولارنىڭ چوقۇم بەدىلى بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تۈركىيەنىڭ ئامېرىكاغا قىلىدىغان ئاليۇمىن ۋە پولات مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە باج ئېلىش توغرىسىدا ھەمبەھىرلىگەن تۋىتتېر ئۇچۇرىغا مۇناسىۋەتلىك يازما بايانات ئېلان قىلدى.

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى نەزەرگە ئىلماي، تۈركىيەنىڭ ئاليۇمىن ۋە پولات مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە باج ئېلىش قارارىنى دۆلەتنىڭ ئەستايىدىللىقىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاكسوي: «ئامېرىكا بۇ خىلدىكى ئېمبارگو ۋە بېسىملار بىلەن ھەمكارلىشىش توغرىسىدا ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، پەقەت قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزگە زىيان سالىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ تۈركىيەگە قارشى بېسىلغان بارلىق قەدەملەرگە بۈگۈنگىچە قىلىپ كەلگەندەك، بۇندىن كېيىنمۇ كېرەكلىك جاۋابلارنىڭ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ھەر قاچان مەسىلىلەرنىڭ دىپلوماتىيە، دىيالوگ، ياخشى نىيەت ۋە ئۆزئارا چۈشىنىش ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر