تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ تۈركىيەنىڭ پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا قويغان قوشۇمچە باج قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
1030200
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكا قوشۇمچە باج قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«ئامېرىكانىڭ پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا قويغان قوشۇمچە باجلار دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپتۇر.»