چېگرادىن قانۇنسىز كىرمەكچى بولغان ۋە چەت ئەلگە قانۇنسىز چىقماقچى بولغان كۆچمەنلەر تۇتۇلدى

ھاتاينىڭ يايلا تېغى ناھىيەسىدە سۈرىيەدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيەگە كەلمەكچى بولغان 97 كۆچمەن تۇتۇلدى.

1028362
چېگرادىن قانۇنسىز كىرمەكچى بولغان ۋە چەت ئەلگە قانۇنسىز چىقماقچى بولغان كۆچمەنلەر تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە چېگراسىدا چارلاۋاتقان چېگراسى ساقلاش قىسىملىرى كىزىلچات، توپراكتۇتان، چالىبوغۇزى ۋە پۇللۇيازى چېگرا ساقچى پونكىتىدا قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتمەكچى بولغان كىشىلەرنى بايقىدى.

تۇتۇلغان ۋە سۈرىيەلىك ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان 77 كىشى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئۈچۈن قوراللىق ساقچى قىسىمغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

يايلا تېغى ناھىيەلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق مەركىزىنىڭ خادىملىرى شەنكۆي مەھەللىسى ئەتراپىدا، سۈرىيەدىن تۈركىيە چېەراسىدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن ئۆتمەكچى بولغان 20 كىشىنى تۇتتى.

قولغا چۈشۈرۈلگەن جەمئىي 97 كۆچمەن تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن، چېگرادىن چىقىرىۋېتىلدى.

ئەدىرنەدە بولسا، قانۇنسىز يوللار بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولغان 61 كىشى تۇتۇلدى. ئەدىرنە قوراللىق ساقچى قىسىك خادىملىرى مەرىچ ناھىيەسىگە قاراشلىق كاۋاكلى يېزىسى ئەتراپىدا گۇمانلىق بىر مىنبۇسنى توختاتتى. مىنبۇسنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە قانۇنسىز يوللار بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولغان ئىراق ۋە سۈرىيەدىن كەلگەن 26 كۆچمەن تۇتۇلدى. شۇ يېزىنىڭ باشقا جايىدا توختىتىلغان يەنە بىر گۇمانلىق مىنبۇسنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بولسا، ئىراق ۋە پاكىستاندىن كەلگەن 35 كىشى تۇتۇلدى، بىر يەل قولۋاق قولغا چۈشۈرۈلدى.

كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئەدىرنە كۆچ ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

چاناققەلئەنىڭ ئايۋاجىك ناھىيەسىدىمۇ قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان ئافغانىستانلىق 64 كىشى تۇتۇلدى.

ئىگىلىنىشىچە، كىچىككۇيۇ بازىرىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى چارلاش جەريانىدا نۇسراتلىدا چەت ئەللىك بىر توپ كىشىنى بايقىغان. نەتىجىدە ھەرىكەتكە ئۆتكەن خادىملار مىدىللى ئارىلىغا ئۆتۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان 64 ئافغانىستانلىق كۆچمەننى تۇتقان. ئارىسىدا ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارمۇ بولغان 64 ئافغانىستانلىق كۆچمەن كىچىككۇيۇ قوراللىق ساقچى قىسىم مەركىزىدە تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئايۋاجىكتىكى چەت ئەللىكلەرنى قايتۇرۇش مەركىزىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر